ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بان كىمون ئاساسىي قانۇن لاھىيىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى تاماملاشقا دەۋەت قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، نېپالدىكى ئاساسلىق سىياسى كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، ئاساسىي قانۇن لاھىيىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى تاماملاپ بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر مۇرەسسە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ نېپال رەھبەرلىرىنى مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىشقا دەۋەت قىلدى.

نېپال ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا بىر تۈرلۈك ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈتۈلمە لاھىيىسى ۋاقىت جەدىۋىلىنى ماقۇللىدى، نېپال بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشتىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاپ بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەر ئاچقۇچلۇق مەسىلىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن، ئاساسىي قانۇن لاھيىسى تابۈگۈنگىچە ئوتتۇرغا چىقىرىلمىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!