ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋاننىڭ كاندىدات زۇڭلىسى: ئوباما ئەمەلىي ئىش قىلىشى كېرەك، دېدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو رادىيو تورى 21-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 21-ماي خەۋەر قىلىشىچە، لىۋاننىڭ كاندىدات سېكرېتارى مىكات مۇنداق دېگەن : ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىرىنىڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مىكات 20-ماي بىيرۇتتا ئامېرىكىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى فېيرتمان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئوبامانىڭ يېقىندا قىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار بىر قىسىم بايانلىرى يەنىلا ئېنىقسىز، بۇنى يەنىمۇ ئېنىق شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ، دېگەن . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوبامانىڭ قۇرۇق ۋەدە بەرمەي، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئومۇميۈزلۈك ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئادىل تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!