جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال چىن بېڭدې 18-ماي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى، بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارى كىلىنتون بىلەن كۆرۈشتى. ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات تور بېكىتى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: گېنېرال چىن بېڭدې ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مالوننىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ ئېچىۋىتىلگەن ئالاقە لىنىيەسى ئورنىتىش مەقسەت قىلىنغان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس ئىزچىل تۈردە بۇ ناھايىتى مۇھىم دەپ ھېسابلاپ كەلگەن. تۈنۈگۈن نەشىردىن چىققان «نيويۇرك ۋاقىت گېزىتى»،«ۋول كوچىسى گېزىتى» قاتارلىق ئاساسلىق گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە گېنېرال چىن بېڭدېنىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.