ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇڭگو-ياۋروپا ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو-ياۋروپا ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇنبىرى 19-ماي بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش كارخانىچىلار ئىگىلىك تىكلەش روھى يېتىلدۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىش قاتارلىق قارالمىلار ھەققىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

«جۇڭگو-ياۋروپا ياشلار ئالماشتۇرۇش يىلى» جۇڭگو تەرەپ تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى  لۇ خاۋ بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ياشلار ئىشلىرى ئەزاسى ۋاشىلىۋۇ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، لۇ خاۋ بىلەن ۋاشىلىۋۇ جۇڭگو-ياۋروپا ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى قانداق قىلىپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بېيجىڭ بىلەن شىئەندە جۇڭگو-ياۋروپا ياشلار ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ياشلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!