جۇڭگو رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىككىنچى قېتىملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى 20-ماي سىئولدا يېپىلدى. يىغىندا ماقۇللانغان بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ۋە تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ھازىرقى يادرو ئېنېرگىيەسى ئۆلچىمىنى ئېدىتلاشنى تەلەپ قىلماقتا، ھەرقايسى تەرەپلەر يادرو ئېنېرگىيەسى ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە كۈچ چىقىرىشى ھەمدە يادرو ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەمدە جىددىي تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ھەرقانداق مەقسەت ۋە شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش كېرەك ھەمدە كىلەر يىلى سىئولدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىككىنچى قېتىملىق يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى»دا، ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ يادرو ماددىلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىشىنى كۈتمەكتىمىز.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!