ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلدارىنى رۇسىيەدىن قوغلاپ چىقاردى

2011-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى 19-ماي، ئىسرائىلىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى رودماننىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رودمان 12-ماي بىر رۇسىيەلىكتىن مەخپىي ئاخبارات ئېلىۋاتقاندا نەق مەيداندا تۇتۇلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: رودمان دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سالاھىيىتىگە زىت ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا رودماننى قارىشى ئېلىنمايدىغان كىشى دەپ جاكارلىدى. رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا نوتا تاپشۇرۇپ رودماننىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. رودمان نوتىدىكى تەلەپ بويىچە رۇسىيەدىن ئايرىلدى.

 ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى رۇسىيەنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق دېگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!