جۇڭگو گېزىتى تورى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت نىشانلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىنى ئەسكەرتكەن. لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرى ئىماد مۇغنىياھ(Imad Mughniyah) قەستكە ئۇچرىغانلىقىنى خاتىرلەش كۈنى كېلىپ قالغانلىقتىن، ئىسرائىلىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى ئاللاھ پارتىيىسى چەتئەللەردىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قوزغىشى، بولۇپمۇ تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن دېگەن.
ئىسرائىلىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، چەتئەللەردىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش تەھدىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچقا، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تۈركىيە، مىسىر، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە، ئەرمىنىيە، كوتىدىۋا، ماۋرىتانىيە ۋە ۋېنسۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارماسلىق تەكلىپىنى بەرگەن.
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى ئىماد مۇغنىياھ سۇرىيەدە ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخبارات تەشكىلاتى موساد بۇ قېتىمقى قەستلەش ھەركىتىنى پىلانلىغان دەپ قارىغان.
مەنبە: جۇڭگو گېزىتى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!