ئاپتورى: لى جىمىڭ
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېبېي ئۇنۋېرسىتىتى " 10.16 " مەكتەپ ئىچى قاتناش ۋەقەسى دېلوسىدا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى، خېبېي ئۆلكىسى ۋاڭدۇ ((望都)) ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لى چىمىڭ (李启铭) مەس ماشىنا ھەيدەپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش دېلوسى پەيدا قىلغانلىقتىن، لى چىمىڭغا مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.(خەلق تورى-« خەلق گېزىتى » 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى)
لى چىمىڭ « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلىپ قويغانلىقتىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېنتىرنېت تورى بەس مۇنازىرىسى دولقۇنىنى قوزغاپ قويدى، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۆكتەملىك قىلغاچقا ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى نابۇت قىلدى.—تورداشلارنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشى ۋە ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرىشى بىلەن، گەرچە لى چىمىڭنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى نىسبەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئائىلىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئاكىتىپلىق بىلەن تۆلەم بەرگەن بولسىمۇ، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا 6 يىللىق تۈرمىگە چۈشتى. يۈزەكى قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىسى ۋاڭدۇ ناھىيىسى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خەلق رايىنى كەلكۈن سۈيىدەك داۋالغۇپ كەتكەن خەلقنىڭ دارۋىڭىنى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى توختاپ قالغىنى يوق: زادى كىم لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىدى؟
تورداشلار لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا چوقۇم شۇنداق! ئويلاپ باقايلى، مۇبادا تورداشلارنىڭ توختىماي غۇلغۇلا قىلىشى ۋە قويۇپ بەرمەي ئىز قوغلىشى بولمىغان بولسا، ئېھتىمال « مېنىڭ دادام لى گاڭ، نوچى بولساڭ دادامنى ئىزدە » دېيىشى بىلەنلا بۇ ۋەقە ئەرز قىلىنمايلا ئاخىرلىشاتتى. باۋدىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمالىي تارمىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ موشۇنداق خورىكى ھەم موشۇنداق جاسارىتى بار ئىدى. بىرلا ۋاقىتتا ئۇ پەقەت دادام بولسىلا ھېچكىم مېنى بىر نېمە قىلالمايدۇ دەپ قارايتتى. خېبېي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بۇ نۇقتىنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما ھازىر دېگەن ئېنتىرنېت دەۋرى، مەزكۇر ۋەقەنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، جاھىل تورداشلار قېرىشقاندەك بۇ شەرمەندىلىككە ئىشەنمىدى، خۇددى ئەينى يىلى جوۋ جيۇگېڭنىڭ بىر بولاق تاماكىسىنى تۇتۇۋالغاندەك قويۇپ بەرمىدى، تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈردى. دەل « ئېنتىرنېت تورىنىڭ قۇدرىتى بەك قورقۇنۇچلۇق بولغانلىقتىن »، دەل تورداشلار ئاممىسى قاتتىق بەس مۇنازىرە قىلغاچقا، ئۆلكە باشلىقىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشىنى ۋە ئۆزى باش بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارا سوراق قىلىندى ۋە 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. لى چىمىڭنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى ئۇلۇغ تورداشلارنىڭ تۆھپىسى دېسەك ئاشۇرۇپ تاشلىغان بولمايمىز!
لى چىمىڭ ئۆزىنى ئۆزى تۈرمىگە تاشلىدىمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىمۇ چوقۇم شۇنداق! قائىدە بويىچە ئېيتقاندا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش نورمال ۋەقە. ئۆلۈم كېلىپ چىققان تەغدىردىمۇ، ھەمىشە ھەق تەلەپ ئىشلىرى ياكى ئۆزى كېلىشىش ئارقىلىق بېسىقتۇرىلىدۇ. ئەمما لى چىمىڭ مۇنداق قارىمايدۇ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا، ئالاھىدە ھوقوق بولسىلا بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا « مەندە ئالاھىدە ھوقوق بار، قانۇن نېمە قىلالايتتى » دېگەن خاتا تەپەككۇردا بولغاچقا، سوقۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ، ئۇ يەنە داۋاملىق ياتاق بىناسىغا قىز دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى باردى؛ ماشىنىسىنى توسىۋالسىمۇ ئۇ يەنە ئۆكتەملىك قىلىپ:« مېنىڭ دادام لى گاڭ! » دەپ ھۆركىرىدى، ئېھتىمال دەل « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دەپ ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن، ھەققانىي تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنىڭ « لى گاڭ » غا دىققىنى ئاغدۇرىشىغا سەۋەب بولدى، شۇنىڭ بىلەن لى گاڭ ئاتىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن « مەخپىي يول مېڭىش » ۋە « ئاسترىتتىن كۈرەش قىلىش » يولىنى ئۈزۈپ قويدى. بەزىلەر لى چىمىڭ ھەقىقەتەن ئەخمەق بالا دەيدۇ، بۇ قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى سەل بېسىۋالغان بولسا ، ئەگەر بۇ ۋەقە تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىمىغان بولسا نەتىجىسى يەنە موشۇنداق بولاتتىمۇ؟ شۇڭا لى چىمىڭ ئۆزىنى ئۆزى تۈرمىگە تاشلىدى دېسەك ئازراقمۇ خاتالاشقان بولمايمىز!
لى گاڭ ئوغلى لى چىمىڭنى تۈرمىگە ئۆزى تاشلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا چوقۇم شۇنداق! كىشىلەر ھەمىشە ئائىلە مۇھىتى قانداق بولسا شۇنداق بالا يېتىشىپ چىقىدۇ دەيدۇ. ئەگەر « لى گاڭ » ئۆزىنىڭ ھوقوقىغا توغرا قاراپ، پات-پات ئوغلىنى يامان ئىشلاردىن بوغۇپ تۇرغان بولسا، ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپمۇ يەنە پىسەنت قىلمايدىغان پاجىئە يۈز بېرەتتىمۇ؟ بەزىلەر ئۆز بېشىمچىلىق دېگەن « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزدىن « لى گاڭ » نىڭ ئادەتتىكى ئىش ھەركەتلىرى ۋە ئىستىلىنى ئاساسەن پەرەز قىلىپ چىققىلى بولىدۇ دېيىشتى؛ بەزىلەر « ئىككىنچى ئەۋلاد ئەمەلدارلار » نىڭ ئالاھىدە ھوقوقى ۋە ئالاھىدە ھوقوق ئىدىيىسى « بىرىنچى ئەۋلاد ئەمەلدارلار » نىڭ ئالاھىدە ھوقوق ۋە ئالاھىدە ھوقوق ئىدىيىسىنىڭ داۋاملىشىشى دېدى. مېنىڭچە بۇ قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئەزەلدىن قانۇنسىزلىق قىلىپ باقمىغان ئاتىنىڭ ئوغلى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ نامىنى « قالقان » قىلىش ئارقىلىق قانۇننىڭ جازاسى ۋە ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالامدۇ؟ --« ئوغۇل تەربىيە كۆرمىگەن بولسا ئاتىدىمۇ مەسئولىيەت بار ». بالا دادىسىنىڭ ئەمىلىدىن شەرەپ ھېس قىلىپ، ھەتتا « يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە كۆرەڭلەپتۇ » دېگەندەك ھەممە يەردە ھەددىدىن ئېشىپ يۈرىشى ھوقوق ئادەمنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن ئىدىيە بالىنىڭ قەلبىنى بالدۇرلا زەھەرلەپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، لى گاڭ ئۆزى ئوغلىنى تۈرمىگە تاشلىدى دېسەك ھەرگىزمۇ ئاساسسىز گەپ بولمايدۇ!
زادى كىمنىڭ لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئامىللىرى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مەسىلە.--- « پەسكەشلىك پەسكەشلەرنىڭ يول خېتى، ئالىيجانابلىق ئالىيجانابلارنىڭ قەبرە تەزكىرىسى »، ئېھتىمال « لى گاڭ سەتچىلىكى » پەقەت ئومومىي ھوقوقنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىكى بىر قېتىملىق « كەتكۈزۈپ قويۇش » تۇر خالاس، ئەمما بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، پەقەت يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھوقوقى نازارەت قىلىش چە چەكلەشكە ئۇچرىمايدىكەن، « مېنىڭ دادام XX » لار يەنىلا بىر قىسىم بەگزادىلەرنىڭ يول خېتى بولۇپ قالىدۇ، ئەسەبىيلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ تۈرمىگە چۈشۈش تراگىدىيىسى يەنە ئوينىلىدۇ!
ئەڭ ئاخىرىدا، توردىكى بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق « مېنىڭ دادام XX » ۋە « ئاتا پولات بولسىكەن » دەيدىغان ياشلارنى ئاگاھلاندۇراي: ئادەم دادسىنى تالىيالمايدۇ، ھوقوقى بار داداڭ بولغاندا، سەن تىرىشچانلىقىڭغا تايىنىپ داداڭدىنمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقساڭ تامامەن بولىدۇ، كۈن بويى غالجىرلىق قىلىپ، داداڭنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىۋېلىپ، پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش يوق ياكى تۈزۈلمىگە سوقۇنۇپ كىرىپ ھەمدە ئەخمىقانىلەرچە ھارام يەپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرما!
مەنبە: لى جىمىڭ (李吉明 ) قەلىمىدىكى مەزكۇر ماقالە يەر شارى بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى(باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!