جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئۆكتەبىر خەۋىرى: تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاليا شەھىرىدە 30-سېنتەبىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدە پارتلىتىش ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 1 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى شۇ كۈنى ئانتالىيا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈركىيە ژاندارما ئەسكەرلەر قوماندانلىق شىتابىغا سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان، ئەمما مۇھاپىزەتچى ئىشىك ئالدىدا توسۇپ قالغان. ھۇجۇم قىلغۇچى يېنىدىكى بومبىنى دەرھال پارتلاتقان. نۆۋەتتە، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى يەنىلا تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شىرناك ۋىلايىتىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشى، 3 ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (نەپرەت تەرجىمىسى)