جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىر باش مىنىستىرى شېرىف 10-ئۆكتەبىر تېلېۋىزىيە سۆزى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: 9-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن توقۇنۇش مىسىرنىڭ مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزدى. ئۇ خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر قايسى دىنى گۇرۇھلار ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىقا ئۇرۇنغان دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
كوپت خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يېقىندا جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاسۋان ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتتىكى چېركاۋسى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن بۇ ئۆلكىنىڭ باشلىقى سەيىدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ھەمدە دىنى سورۇنلارنى سېلىشقا ئالاقىدار بىرلىككە كەلگەن قانۇن قاتارلىقلارنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
9-ئۆكتەبىر كەچتە، كوپت خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىسى ئارمىيە ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ 23 كىشى قازا قىلدى، 200 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت