ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە دائىرىلىرى: كازافى لىۋىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگراسى

2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى دائىرىلىرى بولغان مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇسا كۈنى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: كازافى لىۋىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى چېگرىغا يوشۇرۇنغان، بىراق دائىرلەر كازافىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىق بېكىتەلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كازافى لىۋىيە، نېگىر ۋە ئالجىرىيە چېگرىلىنىدىغان ئۈچ بۇرجەك رايونغا يوشۇرۇنغان. بۇ رايون قۇملۇق ۋە تاغلىق بولۇپ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، مۇداپىئەلىنىشكە ئەپلىك. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ رايونغا ئادەمسىز رازۋېدكا ئايروپىلان بىلەن تىك ئۇچار ئەۋەتىپ كازافىنى قولغا چۈشۈرۈشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!