جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى «ئىراننى يادرو قورالىغا ئىگە قىلماسلىق كېرەك، ھازىر بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ جىددىي ئىش، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە ھەربىي زەربە بېرىشكە ئۇزۇن قالمىدى» دەپ تەكىتلىدى.
ئىسئرالىيە زۇڭتۇڭى پېرىس ئۈلۈشكۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ «ئىران يادرو پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭىتماقتا، ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلدى» دەپ تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك ئۈلۈشكۈن «ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت بولۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ» دېدى.