جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-نويابر خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا جامەئەتچىلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئىران يادرو ئەسلىھەسىگە زەربە بەرمەكچى دېگەن قىياسلىرىنى بېسىقتۇرغان، ئۇ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپاتى يوق ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك ئىسرائىلىيە رادىئو ئىستانسىسىغا:«ئۇرۇشى دالا تامىقى يېيىش ئەمەس. بىزگە ئۇرۇش لازىم ئەمەس» دېگەن. ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىسىدا ئىراننىڭ يادرو ھەرىكتىگە ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى:«ئىسرائىلىيە تېخى ھەر قانداق ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلمىدى» دېگەن. ئۇ ئىسرائىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ باش مىنىستىر نېتانياخۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زەربە بېرىشنى قارار قىلدى دېگەن قىياسلىرىنى ئىنكار قىلغان. باشقا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى قوشنىسى ئەرمىنىيەنى زىيارەت قىلغاندا، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ دوكلاتىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ:«ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ئىسپات يوق. غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا ئىرانسا بېسىم ئىشلىتىشتە تولۇق ئاساسلى ۋە ئىسپاتى يوق» دېگەن. بەزىلەر ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى بۇ ھەپتىدە ئېلان قىلىدىغان دوكلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەسىگە زەربە بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. (نەپرەت)