ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ھۇج

2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يوبىستېىيد ئىشتاتىنىڭ مەركىزى داماتۇلۇدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنىڭ بىر مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: داماتۇلۇدا 4-نويابىر يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى ۋە ئېتىشىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندىمۇ يۈز ئادەم قازا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 4-نويابىر داماتۇلۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالتە قېتىم بومبا پارتلىغان، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى يوبىستېيد شىتاتلىق ساقچى باش ئىدارىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى ساقچى ئەترىتى بولۇپ، شۇ يەردىكى بۈۋىمەريەم چېركاۋمۇ ۋەيران بولغان. ئۇندىن باشقا، داماتۇلۇدا شۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم ئېتىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. نىگېرىيەدىكى ئىسلام رادىكال تەشكىلاتى «بروكاد مۇقەددەس جاي» تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قوزغىغان.  
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!