ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيە بىلەن ياپونىيە يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبىتىنى قايتا باشلاشتا بىردەكلىك

2011-يىلى11-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-نويابر خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىكو نودا فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكىكاننېس شەھىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-نويابر خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىكو نودا فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاننېس شەھىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىدىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۈزۈلۈپ قالغان يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبىتىنى قايتا باشلاشتا بىردەكلىككە كەلگەن. يوشىھىكو نودا:«ۋەقەدىن بىرلىكتە بىلىم ۋە ساۋاق ئېلىپ، ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىمىز» دېگەن ھەمدە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەردوغان جاۋابەن سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىدا ياپونىيەنىڭ كۆز-قارىشىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىق ئۈچۈن سۆھبەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يوشىھىكو نودا تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى يەر تەۋرەشكە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىرلا ۋاقىتتا ھەر قايسى قاتلاملار بويىچە سۆزلىشىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باش ۋەزىر يوشىھىكو نودا رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئىككى تەرەپ بوشلۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!