ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كولۇمبىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ ئاتامانى ئېتىپ تاشلاندى

2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كولۇمبىيە ئەمەلدارى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى سول قانات ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات كولۇمبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق قىسىملىرى نىڭ باش قوماندانى ئالفونسو كانو ( Alfonso Cano
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كولۇمبىيە ئەمەلدارى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى سول قانات ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «كولۇمبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق قىسىملىرى» نىڭ باش قوماندانى ئالفونسو كانو (Alfonso Cano) نى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. كاۋكا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گونزالىز موسكىرا (Gonzalez Mosquera) يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا:«كولۇمبىيە ئارمىيىسى ئەڭ مۇھىم نىشانىغا يەتتى» دېگەن. كاۋكا (Cauca) ئۆلكىسى كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان. ئۆلكە باشلىقى ئالفونسو كانونىڭ مەزكۇر ئۆلكىنىڭ غەربىي رايونىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. كولۇمبىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاخبارات خادىمى ئالفونسونىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خادىم:«بىز ھازىر ئالفونسو كانونىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز. بارلىق تەپسىلاتلارنى ئۇقمايمىز، ئەمما ئۇنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى ھەقىقەت» دېگەن. ئالفونسو كانونىڭ ھەقىقىي ئىسمى گۇللېرمو لېئون سىنز ۋارگاس (Guillermo Leon Saenz Vargas).

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!