جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى تۈنۈگۈن «كورىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا كورىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ساھىلىدە 21 چاۋشەنلىك چىققان بىر كېمىنى بايقىدى، ھازىر بۇ كىشىلەر ئىنچۇندا كورىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلماقتا» دەپ ئاشكارىلىدى.
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىر كورىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتىدىكى ماتروسلار خۇاڭخەي دېڭىزىدا بەش تونناژلىق بىر ياغاچ كېمىنى بايقىغان، كېمىدە بالىلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان چاۋشەنلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى بار ئىكەن.
شۇ چاغدا بۇ كېمە چاۋشەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى چاۋشەن-كورىيە دېڭىز چېگرا سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 38 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ساھىلىدە تۇرغان ئىكەن.