جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىران پىرېزدېنتى ئەخمەت نىجاد تۈنۈگۈن تېھراندا ئامېرىكىنى ئىرانغا ھەربىي زەربە بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا قورال ئىشلىتىدىغان بولسا، ئىران قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۇنى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىدۇ دېدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەخمەت نىجاد شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قىلغان شىكايىتىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەش مىڭ ئاتوم بومبىسى بار تۇرۇقلۇق يەنە نومۇسسىزلارچە ئىراننى يادرو قورالى ياسىدى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئىران ھەر يىلى يادرو تەتقىقاتى ئۈچۈن پەقەت 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئاتوم بومبىسىنى يېڭىلاشقا ئىشلەتكەن چىقىمى 81 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
ئەخمەت نىجاد خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى كونتىرول قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى دەپ ئەيىبلىدى.