ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ۋاھىد: ھەر قانداق ھەربىي زەربىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنى

2011-يىلى11-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋاھىد تۈنۈگۈن، ئىران ھەر قانداق ھەربىي زەربىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولدى، ئىراننىڭ ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار دېدى.

 ۋاھىد مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دېڭىز ھەربىي ئىقتىدارى ناھايىتى ئىلغار ۋە زامانىۋىلاشقان. يېقىندىن بۇيان ئىرانغا قارىتىلغان بىر قاتار تەھدىتلەرنىڭ ئاساسلىقى جامائەت پىكىرى ھۇجۇمى. قارىشىمچە بۇ جامائەت پىكىرى ھۇجۇمى غەربنىڭ ئىران ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يېقىندىن بۇيان، دۇنيادىكى تاراتقۇلار ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىشى مۇمكىن دەپ خەۋەر تارقاتتى، ئىران بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!