جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
گرىتسىيەنىڭ باش مىنىستىرى پاپەندىرىئو پارلامېنتتا ئېشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدا داۋاملىق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.
پاپەندىرىئو شۇ كۈنى پىرېزىدېنت پاپۇلىياسنى يوقلىغاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: گىرىتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدا قېلىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ھەممە ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. ئۇ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپەمگە تارتىشمايۋاتىمەن دەپ قايتا تەكىتلىدى.
پاپەندىرىئو رەھبەرلىكىدىكى گىرىتسىيە ھۆكۈمىتى 5-نويابىر سەھەردە پارلامېنتتا ئېشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، گىرىتسىيە ۋاقتىنچە ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش خەۋپىدىن ساقلاپ قېلىندى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!