ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى تەييارلىغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى كومىدىيەلىك دىراما ‹‹ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟ ›› كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 4ـ ۋە 5ـ نويابىر كەچ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ زامانىۋى مەدەنىيەت ›› نى يېتەكچى قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە مەدەنىيەتنىڭ بازارلىششىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ، خەلق ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ، تەربىيە بېرىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى راي كونىننىڭ بىمەنە تۈسنى ئالغان مۇھەببەت كومىدىيەسى ‹‹ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟›› نى سەھنىلەشتۈرگەن . بۇ كومىدىيە ئوپىرا ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارنىڭ جاپالىق رېپپىتىس قىلىشى ئاستىدا روياپقا چىققان.
بۇ دىرامىدا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بىلەن رېئالىزىم بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، بىر ئاددىي تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەتلىك نىكاھ تۇرمۇشى سۆزلەنگەن . ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى خوتۇن ئالغان ، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىنىڭ لەززىتىنى سۈرگەن . گەرچە ئۇنىڭ ئىككى خوتۇن ئېلىشى قەستەنلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن بارا ــ بارا بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىپ ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق قىلىپ ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ ، ئىككى ئائىلە تۇرمۇشىدىن تەڭ ھۇزۇرلانغان . بىراق بىر قېتىملىق تاساددىپىيلىق ئۇنىڭ بۇ مۇكەممەل پىلانىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىر قاتار زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى پەيدا قىلغان .
ئۇقۇشۇمچە ، بۇ كومىدىيەنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياش ئىقتىدارلىق رېژىسسورى ئىسلامجان ۋارىس ئەسەرنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىغا ئايلاندۇرغان .
كومىدىيەلىك دىراما ‹‹ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟ ›› نادىر كۆرۈنۈشلەر: