خەلق تورى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، سومالىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاشقۇن قوراللىق تەشكىلات ئەل شاباب تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، كېنىيە قىسىلىرى سومالىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت ھالقىپ كېنىيەگە كىرىپ ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئوتتۇرا شەرق گېزىتى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان سومالى قوراللىق تەشكىلاتى ئەل شاباب 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بىر ئىسلام تور بېتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، كېنىيە قوشۇنلىرى سومالىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكتىن، قارشىلىق كۆرسىتىش سېستىمىسى قۇرۇپ، قوراللىق خادىملارنى كېنىيەگە ئەۋەتىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا يەنە:«بىزنىڭ سومالىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەر قانداق دۆلەتنى مەغلۇپ قىلىش قۇدرىتىمىز بار، ئۇلارغا قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمىز» دېگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە ھۆكۈمىتى سومالى ئەل شاباب تەشكىلاتى كېنىيەدە تېرورلۇق ھۇجۇمى، تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپ، كېنىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى دەپ ئەيىبلىگەن، كېنىيەنىڭ تانكا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئالدىنقى ئايدا چېگرا ئاتلاپ سومالىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا كىرىپ، ئەل شاباب قوراللىق تەشكىلاتىغا زەربە بەرگەن. كېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كېنىيە دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا رايونى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولدى دەپ قارىغاندا قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت) كېنىيە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەل شاباب تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى