ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 4-نويابىر، ئىران پايتەختى تېھراندا كەڭ كۆلەملىك ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ئىراننىڭ باش يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى جەلىل نامايىشتا ئىران ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى يۈز تۈرلۈك ئىسپاتقا ئېرىشتى دەپ جاكارلىدى. بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەردە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېلەر ھەپتە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدۇ دېيىلدى، بۇنىڭدا ئىراننىڭ نۇرغۇن چەكلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ياساۋاتقانلىقى ۋە تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. 4-نويابىر، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا نەچچە مىڭ ئامما نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرلىدى. ئىراننىڭ باش يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى، ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى جەلىل شۇ كۈندىكى نامايىشقا قاتناشتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قەستلەشنى ئۆزىنىڭ نىشانىغا يىتىشنىڭ قانۇنسىز ۋاسىتىسى قىلدى دەپ ئەيىبلىدى .
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!