ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

زۇڭلى ۋېن جياباۋ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى11-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

7–نويابىر، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ساينت پېتېربۇرگدا رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

   شىنخۇا تورى، ساينت پېتېربۇرگ، 7–نويابىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 7–نويابىر ساينت پېتېربۇرگدىكى كونستانتىن سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتى، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

   ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو–رۇسىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ باردى–كەلدىسى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە دوستانە بولۇپ ئۆزئارا ئىشەندى، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىدىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلقئارالىق ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

   پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە–جۇڭگو ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق باردى–كەلدى ۋە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ئۆزئارا يۈكسەك سىياسىي ئىشەنچ ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايدۇ.

زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!