ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى «پاكىستان ھىندىستانغا ۋاقتىنچە ئ

2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ھىندىستان مەتبۇئات تىرىستىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى جىلانى ئۈلۈشكۈن كەچتە تاراتقۇلارغا «پاكىستان ھىندىستانغا ۋاقتىنچە ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر مۇئامىلىسى قىلمايدۇ، پاكىستان سودا مىنىستىرلىكىدىنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشلا تەلەپ قىلىندى» دېدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جىلانىنىڭ بۇ بايانى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستانغا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر مۇئامىلىسى قىلىش كېرەكمۇ-يوق، دېگەن مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. پاكىستاننىڭ ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرى ئاۋان 2-نويابىر پاكىستان كابېنتىنىڭ ھىندىستانغا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر مۇئامىلىسى قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپنى بىردەك ماقۇللىغانلىقىنى جاكارلىغان. پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن «پاكىستان كابېنتى بۇنىڭغا پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھىندىستانغا ئاخىرىدا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر مۇئامىلىسى قىلىش كېرەكمۇ-يوق، دېگەن مەسىلىنى يەنىمۇ سۆھبەتلىشىشى ۋە كېڭىشىشى زۆرۈر.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!