جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىرلوسكونى تۈنۈگۈن: مەن ئىتالىيە پارلامىنتى ئىچكى مالىيە ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ئىستىپا بېرىمەن دېدى.
بىرلوسكونى شۇ كۈنى كەچتە ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئىتالىيە پىرېزدېنت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا: بىرلوسكونى شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدۇ دېيىلدى.
ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدا جەمئىي 630 ئورۇن بولۇپ، 316 ئاۋازغا ئېرىشسە ئاندىن بىرلوسكونى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت مۇقىم ئەۋزەل ئورۇنغا ئېرىشەلەيتتى، بىراق شۇ كۈنى ئۇ ئېرىشكەن بېلەت 308 بولۇپ، سەككىز ئاۋاز كەم بولۇپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئەۋزەل ئورۇندىن مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.