ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان مۇخبىرى جۇڭگو ھىندىستان ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ھىندىستان مۇخبىرى جۇڭگو ھىندىستان ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" ھىندىستان مۇخبىرى جۇڭگو ھىندىستان ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئومۇمىي قىممىتى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىش تۈرىنى جاكارلىغان، ئەمما پائالىيەتكە قاتناشقان ھىندىستان مۇخبىرى بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىككى تەرەپكە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىغا پىسەنت قىلماي، «خەرىتىدە ھىندىستان زېمىنى جۇڭگوغا تەۋە بولۇپ قاپتۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ ئىش تېرىغانلىقتىن، پائالىيەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان جۇڭگو تېبىيەن ئېلىكترون سانائىتى چەكلىك شېركىتىنىڭ ھىندىستانغا 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى جاكارلىغان. بىراق، كۆپچىلىك ھىندىستان جۇڭگو ھەمكارلىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، نەق مەيداندىكى بىر مۇخبىر تېبىيەن ئېلىكترون سانائىتى شېركىتىنىڭ تەشۋىقات قوللانمىسىدىكى بىر خەرىتىدە، «ھىندىستان بىلەن جۇڭگو بىردەك ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دەپ جاكارلىغان ئارۇن ئاچال رايونى (جۇڭگو زاڭنەن رايونى دەيدۇ) جۇڭگونىڭ زېمىنى دېيىلىپتۇ» ھەمدە «ھىندىستان پاكىستان تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان كەشمىر رايونى پاكىستاننىڭ زېمىنى دېيىلىپتۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ نەق مەيداندا ئىش تېرىغان. گەرچە جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇپ، بۇ خەرىتىنى «تېخنىكا مەسىلىسى» دېگەن بولسىمۇ ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان مۇخبىرى يەنىلا توختاپ قالمىغان، باشقا مۇخبىرلارمۇ جېدەلگە ئارىلاشقان. تاقەت قىلالمىغان جۇڭگو ئەلچىسى قارشى تەرەپتىن «ئېغىزىنى يۇمۇش»نى تەلەپ قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ سۆز ھىندىستان مۇخبىرىنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرغان، مۇخبىر «بۇ يەر جۇڭگو ئەمەس، ھىندىستاندا تولۇق ئەركىنلىك بار» دەپ ۋارقىرىغان. نەق مەيدان كونتروللىقىنى يوقاتقانلىقتىن، جۇڭگو دېپلوماتىيە ئەمەلدارى، ھىندىستان دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى كاتىپى بەنبار ھەمدە پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپ ھىندىستان سانائەت بىرلەشمى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ مۇخبىرلارغا تەسەللى بەرگەن. پائالىيەتتىن كېيىن، جۇڭگو ئەلچىسى ھىندىستان مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈپ:«بۇ بىر تېخنىكا مەسىلىسى. سىلەرنىڭ كاتىپىڭلار بۇ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويغان، بىز بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان. بىز ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېگەن. «ھىندى مۇرتلىرى گېزىتى» دېيىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ ۋەقەنىڭ تەسىرىنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بىر سائەتكە سوزۇلغان بۇ جېدەل نەق مەيداندىكى كۆپلىگەن مېھمانلارنى چۆچۈتكەن ھەمدە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. (نەپرەت)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!