ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ چيەنرۇڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ، ج خ نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جىن پېڭ ، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ياڭ سۈچۈن قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا كېلىپ ، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بارلىق ئىشچى–خىزمەتچىلەردىن قۇربان ھېيتلىق ھال سورىدى .
شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان قۇربان ئەپەندى بۇ مەركەز ۋە يارپ تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى : زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر تەرەپتىن قول سېلىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ئېلىپ بارمىسا بولمايدىكەن ، شۇڭا بىز ھازىر تورىمىزدا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىقتا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇۋاتىمىز ، نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەر چەكلەش پىدائىيلىرى 1400 دىن ئاشىدۇ ، يەنە نۇرغۇن ئادەم پىدائىي بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ، رەھبەرلەرنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ چيەنرۇڭ مۇنداق دېدى : سىلەرنىڭ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىڭلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ ، بۇ ئىشنى قىلماق ئاسان ئەمەس ، بىز سىلەرنى قوللايمىز ، مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ ، زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە قانات يايدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، شۇنداقلا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
ئارقىدىن رەھبەرلەر يارپ تور بېتىنى ئېچىپ كۆرۈپ ، بەت ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا يۇقىرى باھا بەردى ، ھەمدە يارپ تورىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ، شۇنداقلا دۆلەت سىرتىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق زەھەر چەكلەش تور بېكەتلىرى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ ، تور بەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلدى .
شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش تورىغا بۇ يەردىن كىرىڭ !