جۇڭگو ئاخبارات تورى 4–نويابىر تېلېگراممىسى : سىنگاپور ‹‹ بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپ 3–نويابىر پايتەخت باڭكوكنىڭ 5 /1 قىسىم رايونىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ، ئاپەتكە ئۇچرىغان مىليونلىغان ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
لېكىن نۇرغۇن ئامما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ، توك ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ، ئىچىملىك سۇ ، شۇنداقلا ئاشلىق كەمچىل بولۇشتەك خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، سۇ بېسىپ كەتكەن ئۆيلىرىدە تۇرۇۋېرىشنى تاللىغان .
باڭكوك شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى چاد كۆلەم بويىچە ھېسابلىغاندا ، پايتەخت باڭكوكنىڭ تەخمىنەن % 20 رايونىنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى ، قانچىلىك ئادەمنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . نۆۋەتتە ، پۈتۈن شەھەر بويىچە تەخمىنەن 11 مىڭ ئادەم ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، دېدى .
باش ۋەزىر British pull تۆنۈگۈن باڭكوكنىڭ شىمالىدىكى دون مۇئاڭ ناھىيەسىدە ئاپەت ئەھۋالىنى كۈزىتىپ ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى تارقىتىۋاتقاندا ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان . قۇتقۇزۇش بۇيۇمىغا ئېرىشەلمىگەن بىر ئايال غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا ۋاقىراپ تۇرۇپ : ‹‹ مەن سېنىڭ بۇ يەرگە ياردەم بەرگىلى كەلگىنىڭنى ياكى بۇ يەردىكى ئەھۋالىنى يامانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭنى بىلەلمىدىم ! ›› دېگەن .
يەنە بىر ئەر كىشى ئۇنىڭغا : ‹‹ سەن بۇ يەرگە بىزگە ياردەم بەرگىلى ئەمەس ، ئوينىغىلى كەپسەن ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كېتىپ قال ! ›› دېگەن .
Britishpull شۇ كۈنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركىزىدە مۇخبىرغا ، ئاممىنىڭ بۇنداق جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى . مەن يەنىلا خىزمەت جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىم كېرەككەن ، شۇڭا بېسىم ھېس قىلىۋاتىمەن ، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار ، بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ماڭا ماسلىشىدۇ ، دېدى .
ھازىرغا قەدەر ، باڭكوك شەھەر مەركىزى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان ، لېكىن شىمالى ۋە غەربىدىكى ناھىيەلەردە ئاپەت ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولۇپ ، بەزى جايلاردا يىغىلىپ قالغان سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئادەمنىڭ بېلىگە ھەتتا كۆكرەككىچە كېلىدىكەن .
ئۇچ ئاي داۋاملاشقان كەلكۈن ئاپىتىدە 437 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىغان . بۇ تايلاندتا يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن .
باڭكوكتىكى 50 ناھىيەنىڭ ئىچىدە 15 ى ئاپەتكە ئۇچرىغان ، يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاپەت ئېغىر بولغان 8 ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولغان 4 ناھىيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغان . بۇ 12 ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 700 مىڭ بولۇپ ، ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنى سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن .