ياڭ يىڭچۈن خەۋىرى : ئاپتونوم رايون ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، 2 – نويابىر كەچتە 10 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جىددىي ئاجراتتى.
غۇلجا ناھىيەسى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسى تۇتاشقان جايدا ئالتە بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، 2 – نويابىر سائەت 23 كىچە، 143 مىڭ 845 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، 2453 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، 63 مىڭ 558 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، 357 مىليون 506 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولدى.
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – نويابىر سائەت 10 دا جىددىي يىغىن ئېچىپ، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى، قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا يۇقۇمنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە، يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك››. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا دەرھال بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ھەرقايسى ناھىيەلەر ئاجراتقان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلگەن. يەرلىكتىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەتەرلىك ئۆيلەرنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئامما ۋاقىتلىق تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتۇرۇلغان.