تېڭشۈن پەن _ تېخنىكا ئاگېنتلىقى 9 _ ئۆكتەبر خەۋىرى: مىكروبلوگ Twitter ئېلان پىلانىنى Facebook قا ئوخشاش تاۋارلاشتۇرماقچى بولۇپ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ رەسمى تۈردە يولغا قويماقچى بولغان. Facebook نىڭ بۇ يىلقى تىجارەت سوممىسى 4 مىليارد يۈەنگە يېتىش ئالدىدا بولۇپ، بۇ نەتىجىگە ئۇلار ئېلان تىجارىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىغانلىقىدىن ئېرىشكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، Twitter نىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 104 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەن بولۇپ، Twitter مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەت سوممىسىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. ھازىر Twitter ئېچىش خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئېلان API نى ئېچىشنى توختاملىشىپ، كېلەر يىلى يىل بېشىدا رەسمى يولغا قويماقچى ئىكەن. API ئىنتايىن مۇھىم بىر سىستېما بولۇپ، كارخانا ئابونتلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان شەخس ۋە ئابونتلار توپى ئۈچۈن ئېلان لايىھىلىيەلەيدىكەن. 2009 _ يىلى، Facebook، alpha لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە ئەنگلىيە TBG Digital ۋە Techlightenment، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ Blinq Media بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ API توردا بولغان قۇراللارنى ئاچماقچى بولغان. شۇندىن بۇيان، نۇرغۇن ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ قۇراللارنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللانغان. بىراق بۇ شىركەتلەر بازارنىڭ يولباشچىلىرى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق چوڭ كارخانا خېرىدارلىرىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كوكاكولا، GlaxoSmithKline ۋە samsung مۇ بار ئىكەن. بۇ قۇراللاردىن پايدىلىنىپ، كارخانىلار ئوخشىمىغان ئابونتلارغا ئاساسەن، ئېلان سېتىشنى خاسلاشتۇرالايدىكەن، بۇنداق بولغاندا گەرچە 18 ياشلىق ئەر بىلەن 50 ياشلىق ئايالنىڭ تاپشۇرىۋالغان سېتىشنى تېزلىتىش ئېلانى گەرچە ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما مەزمۇنى ھەرگىز ئوخشىمايدىكەن. بۇ ئېلانلار ئابونتنىڭ چېكىلىش نىسبىتىگە ئاساسەن ھەق ئېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاچقۇچىلارنىڭ ئېلاندىن كىرىدىغان كىرىم نىسبىتى بەك ئاز بولۇپ، كۆپ قىسمى Facebook قا تەۋە بولىدىكەن. كەسپى خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە: "Facebook نىڭ دەسلەپتىكى لايىھەسىگە ئوخشاش، Twitter يەنىلا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سىستېما ئاچىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارغا مۇھتاج، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى ئېلان ئىگىسىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك." ئىشىنىمىزكى، Facebook نىڭ نۇرغۇن سىستېما ئاچقان ھەمكارلاشقۇچىلىرى Twitter بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنسىلا، ئۇلار Twitter غا ياردەملىشىپ سېتىش قۇراللىرىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ، دېيىلگەن. (mehray)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!