جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى سىتوردىنبىرىك بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل دۇنيادىكى 3 مىليارد كىشى بىخەتەر، پاكىز ۋە ئەرزان ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيەدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. بۇ پۈتكۈل دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئېنېرگىيەدىن بىخەتەر بەھرىمەن بولالمىغان ئەھۋالدا كىشىلىك ھوقۇقىغا قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلالايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولىدۇ؟ بان كىمون مۇنداق دېدى: نامراتلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىشىنىڭ بىر قىسمى. نورۋېگىيەگە ئوخشاش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇ كىشىلەرنىڭ ياساش ئەھۋالىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت