مىسىر ۋە تۇنىستا توقۇنۇش يۈز بەردى
9-ئۆكتەبىر قاھىرەدە توقۇنۇش يۈز بەردى
گەرچە بۇرۇنقى ھۆكۈمران تەختتىن ئوڭۇشلۇق چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ ، بىراق ‹‹ئەرەب باھارى ›› دا ئالدىنقى رەتتە تۇرىدىغان تۇنىس ۋە مىسىرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىش بولمىدى . 9-ئۆكتەبىر پايتەخت قاھىرەدە ، خرىستىئان مۇرتلىرى ، مۇسۇلمانلار ۋە ئەسكىرىي ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، ھازىرغىچە 24 ئادەم قازا قىلدى ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى . بۇ مىسىردا بۇ يىل 2-ئايدا ‹‹ ئىنقىلاپ›› يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك مەزھەپلەر توقۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ .
ئوخشاش بىر كۈندە ، تۇنىسنىڭ پايتەختىدە ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنىستا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ھېسابلىنىدىكەن .
كېيىنكى مۇبارەك دەۋرىدە ئەڭ ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى
قاھىرەدىكى قالايمىقانچىلىق 9-ئۆكتەبىر كېچىگىچە داۋاملىشىپ ، دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئازادتلىق مەيدانىغىچە كېڭەيدى . مىسىردىكى ساقچى تەرەپ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچنى بۇ رايونلارنى قوغداشقا ئاجراتتى . ھەربىي تەرەپ شۇ كۈنى كەچتە ئازادلىق مەيدانى ۋە سودا رايونى قاتارلىق جايلاردا كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى جاكارلاپ ، ئازادلىق مەيدانىغا بارىدىغان بارلىق يوللارنى قامال قىلدى .
مىسىردىكى نىستۇرىيانلار(خرىستىئان دىنى مۇرتلىرى) مىسىر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %10 نى ئىگىلەيدۇ ، ئۇلار زۇڭلى مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن نىستۇرىيانلارنى چەتكە قېقىش قىلمىشلىرىغا قارىتا كارى بولماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقىغا نارازى بولغان .
مىسىرنىڭ زۇڭلىسى شەراف دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا سۆز قىلىپ ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كېيىنكى مۇبارەك دەۋرىنى ھالاكەتكە باشلايدۇ . ئەسلىدە بىز دېموكراتىيە پرىنسپىغا ئاساسەن زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ئىدۇق ، بىراق بىز نۆۋەتتە مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسمىساق بولمايدۇ ، دېگەن .
ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە ، مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى چېركاۋدا قالايمىقانچىلىق يۇز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ چېركاۋنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقى سەۋەب بولغان .
تۇنىستا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى
تۇنىسنىڭ پايتەختىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى
تۇنىستا 9-ئۆكتەبىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ قالايمىقانچىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقاندا چۈمبەل تارتىش چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە قارشى تۇرغانلىقى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ تېلېۋىزوردا ئىسلامىيەت ھاقارەتلەنگەن كىنو قويۇلدى ، دەپ نارازى بولغانلىقىدىن يۈز بەرگەن ئىكەن .
سىياسىي تەھلىلچى سائالاخ ئاتىيام : 9-ئۆكتەبىر تۇنىستا يۈز بەرگەن توقۇنۇش دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىنتايىن قاملاشمىغان بىر ئەھۋال . نۆۋەتتە ، سىياسىي ۋەزىيەت ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە مەنپەئەتدار گۇرۇھلار چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش قەستىدە بولۇۋاتىدۇ ، دېگەن .
تۇنىس ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ، بۇ دۆلەت 1956-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ، تۇنجى قېتىم ئورگانلارنىڭ نازارىتىدە مۇستەقىل سايلام ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
تەھلىل: مەنپەئەتدار گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئېغىرلاشتى
مىسىر ۋە تۇنىستا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن ‹‹ كۈچلۈكلەر سىياسىتى ›› ۋە ‹‹ جەمەت سىياسىتى›› ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ ، نېمە ئۈچۈن يەنىلا توپىلاڭ تىنجىمايدۇ ؟ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇنداق دەپ قارىدى : تۇنىس ۋە مىسىردىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ تۈپ سەۋەبى كىشلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ، دۆلەت قۇرۇش مەسلىسى كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى .
تۇنىس ۋە مىسىردا يۈز بەرگەن ‹‹ئىنقىلاب›› ئوتى، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ۋە غەربىي ئافرىقا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىغا كېڭەيدى . خەلقنىڭ قارشى كۈرىشىگە ، چەت ئەلنىڭ كۈچلۈك ئارلىشىغا دۇچ كەلگەن تۇنىس زۇڭتۇڭى قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قېچىپ كەتتى. ئەرەب دۇنياسىدىكى داڭلىق ئەرباب، مىسرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۋېتىلدى ، يەمەن زۇڭتۇڭىمۇ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، لىۋىيە زۇڭتۇڭى قېچىپ كەتتى .
باش ئەلچىنىڭ قارىشىچە ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقنىڭ قارشىلىق ھرىكەتلىرىنىڭ تۇپ سەۋەبى يەنىلا ئاممىنىڭ ھۆكۈمدانلار سىنىپىدىن نارازى بولغانلىقىدا . ئاممىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرى ، تۇنىس ۋە مىسىردىكى نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوت پىلىتىسى . گەرچە ئىككىلا دۆلەتتىكى قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلار ئاساسلىقى دىنى مەسلىنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن پىرىنسىپ يەنىلا ھەر قايسى مەنپەئەتدار ، ھەر قايسى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ۋە تالاش-تارتىشتۇر .
مىسىرنى مىسالغا ئالساق، كەلگۈسىدىكى پارلامېنت سايلىمى، زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل زىددىيەتلەر تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەرەبلىكلەر يەنىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدىنىشتىن ھاسىل بولغان مۇۋاپىق ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە دۆلەت تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئېھتىياجلىق.