جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈنۈگۈن، چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە قىزغىن باھا بەردى. ئەنگلىيە شەرقىي شىماللىق يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لىن لى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىي قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلاندى. تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئەقىل پاراسىتى بىلەن ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، مىللىي ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ ۋە يول ئىچىپ ئىلگىرىلەپ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇيچۇ مۇنداق دېدى: رەئىس خۇ جىنتاۋ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى كۆرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئۆينىدى. ياۋروپا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇق ياشلار باش بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بو شۇخەي مۇنداق دېدى: خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى كىشىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. بېلگىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ خەيئەن مۇنداق دېدى: بىلگىيىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار تەيۋەن دائىرىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت