ئەنگىلىيەنىڭ كۈندىلىك پوچتا خەۋىرىنىڭ 9- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئىلان قىلىنىشىچە ،ئەنگىلىيەنىڭ دىبى ۋىلايىتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ توققۇز جۈپ قوشماقنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئىگىلىنىشىچە شۇ دۆلەتتە ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان قوشماقلار سانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكىنى بۇزۇپ تاشلىدى .
بۇ توققۇز جۈپ قوشماق ھازىر يەتتىنجى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇلار پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى . مەكتەپ قوشماقلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ،ئۇلارنى ئوخشاش ۋە ئوخشاش بولمىغان سىنىپلارغا بۆلگەن ،ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ،ھەر بىر جۈپ قوشماقنى ئايرىم ئايرىم سىنىپقا بۆلگەن .
ئىلگىرى ئەنگىلىيە مەكتەپلىرىدىكى بىر يىلدا تۇغۇلغان قوشماقلار كۆپ بولغاندىمۇ سەككىز جۈپتىن ئىشىپ كەتمەيتى . مەكتەپ مۇئاۋىن باشلىقى پوتىر بەنفۇد ھاياجانلانغان ھالدا "مەن 30 يىللىق ئوقۇتۇش ھاياتىمدا بۇنداق ئەھۋالنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.بىزنىڭ مەكتەپ ئىلگىرىمۇ قوشماقلارنى قوبۇل قىلغان ،لىكىن بۇيىل بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىلدا تۇغۇلغان بۇنچە كۆپ قوشماقلارنى قوبۇل قىلىشى ھىساپلىنىدۇ . بۇ توققۇز قوشماقنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىدىن مەن بەك پەخىرلىنىمەن .ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى "دىدى .
ئىنىقلىنىشىچە بۇ قوشماقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى جۈپ قوشماق6- ئاينىڭ 2- كۈنى ئوخشاش بىركۈندە تۇغۇلغان ئىكەن .
مەنبە؛شىنخۇا تورى