ماتېرىيال سۈرەت
جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بۈگۈن (11–ئۆكتەبىر) دىن باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ ، ھەمدە زۇڭلى ۋېن جياباۋ بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 16-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ . بۇ پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، پۇتىن 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ ، زۇڭلى ۋىن جياباۋ بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 16-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا پۇتىن يەنە رەئىس خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن .
بۇ يىل ‹‹جۇڭگو-رۇسىيە قوشنىلار ئارا دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى . بۇ يىل ئىيۇندا ، رەئىس خۇ جىنتاۋ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بىلەن دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى ئون يىلدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى، پىلانى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى نىشانىنى بېكىتىپ چىقتى.