يەر شارى تورىنىڭ 6-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئامېرىكا مۇھاپىزەت ھەپتىلىكى تورىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سۇرىيە بەشىر ئاساد ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيە سۇرىيەگە يېقىن چېگرا رايوندا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيە چېگرىسىغا 885 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بىرلا ۋاقىتتا، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان زور ساندا سۇرىيە مۇساپىرلىرى توپلاشقان كەنت-بازارلارنى زىيارەت قىلىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى يوقلىشى مۇمكىن ئىكەن. تۈركىيە ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ھەربىي مانىۋېر 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مەقسىتى ئۇرۇش بولغاندا تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن باشقا تارماقلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئالاقە ئەھۋالىنى سىناش ئۈچۈن ئىكەن.
ئەردوغان 10-ئاينىڭ 3-كۈنى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇڭا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپلەپ جازالاشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. تۈركىيە ئارمىيىسىمۇ شۇ كۈنى ھەربىي مانىۋېر پىلانىنى جاكارلىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئىلگىرى تۈركىيە ب د ت سۇرىيەنى جازالاشقا ئالاقىدار لاھىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. (نەپرەت)