ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستاننىڭ يالقۇن-5 قىتئەلەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى روسىيە تەمىنلەيدۇ

2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ھىندىستان پېشۋالار ئاخبارات تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پات ئارىدا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىتتىپاقىغا كىرىدىكەن، موسكىۋا ھىندىستانغا ئېتىش مۇساپىسى 10 مىڭ
  

 

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ھىندىستان پېشۋالار ئاخبارات تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پات ئارىدا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان  تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىتتىپاقىغا كىرىدىكەن، موسكىۋا ھىندىستانغا ئېتىش مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان «يالقۇن-5» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا يېتەكلەش تېخنىكىسىنى تەمىنلەيدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان قىتئەلەر ئاتلاپ يادرو زەربىسى بېرەلەيدىغان دۆلەت بولۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولغان، ھىندىستان يىل ئاخىرىنىڭ بېشىدا «يالقۇن-5» قىتئەلەر ئارا ئۇچالايدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىرىنچى قېتىم قويۇپ بېرىش سىنىقى قىلماقچى بولغان، روسىيە بۇ تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئۆتكۈر يول باشلاش تېخنىكىسىنى تەمىنلەشكە تەييار بولغان. ئىگىلىنىشچە، ھىندىستاننىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى تۈرى نەچچە يىل كېچىپ كەتكەن، چۈنكى ھىندىستانغا ھېچ كىم ھەل قىلغۇچ بولغان يېتەكلەش تېخنىكىسىنى تەمىنلەشنى خالىمىغان، بۇ خىل تېخنىكا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يۇقىرى دەلىللىكتە نىشانغا يېتەكلەپ ماڭىدۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات تەرەققىيات تەشكىلاتى «يالقۇن-1»، «يالقۇن-2»، «يالقۇن-3» بومبىلىرىغا ئۆزى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، ئەمما بۇ ئورگان كېلەركى ئەۋلاد تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ چىقالمايدىكەن، بۇ تېخنىكىنى ئىمپورت قىلىش ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. روسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بۆسۈش بولىشىنىڭ سەۋەبى يېقىندا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونىي ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى تەرەققىيات تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئالىىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ موسكىۋانى زىيارەت قىلغان، موسكىۋا يېڭى دېھلىنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، روسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، جۇڭگو نۆۋەتتىكى دۇنيادا قىتئەلەر ئارا ئۇچۇدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بۈولغان 5 دۆلەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى 10 مىڭ كىلومېتىرنىڭ سىرتىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدۇ. ھىندىستان ئوتتۇرا مۇساپىلىق تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ بولغان، ئېلىپ ماڭغان يادرو ئوق بېشى 4000 كىلومېتىرنىڭ سىرتىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرلەيدۇ. پېشۋالار ئاخبارات تورى بۇ يېتەكلەش تېخنىكىسىنىڭ كونكرېت نېمە سىستېما ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!