جۇڭگو ئاخبارات تورى 11–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 10–ئۆكتەبىر ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ يەمەندىكى تارمىقى ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىلىق باشلىقى AnwarAwlaki نىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارلاپ ، ئىزچىل ئەۋلاد تەربىيەلەپ ، غەربكە قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا : AnwarAwlaki بىلەن بىللە يەنە ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىنىڭ ئىنگىلىزچە ‹‹ ئىلھاملاندۇرۇش ›› ژۇرنىلىنىڭ ئىككى نەپەر مۇھەررىرىمۇ مارىب ئۆلكىسى بىلەن جەۋف ئۆلكىسى تۇتاشقان رايوندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى ، دېيىلگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ئەنۋەر ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئاتا–ئانىسى يەمەنلىك كۆچمەن ئىكەن . ئۇ 2002–يىلى ئامېرىكىدىن ئايرىلغان . بۇرۇن ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ، شۇڭا ئامېرىكىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، ئەنۋەرنىڭ ئۆلۈمى ‹‹ ئەلقائىدە ›› ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە گۇرۇھلىرىنى تارمار قىلىش كەڭ كۆلەملىك ھەرىكىتىدە يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى ، دېگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئالدىنقى ھەپتە يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كۈرەشچى ئايروپىلان ئاجرىتىپ ، بۇ دۆلەتنىڭ ئەبيان ئۆلكىسىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹‹ ئەلقائىدە ›› نىڭ خادىملىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ ، 12 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن ، نەچچە ئون ئادەمنى يارىلاندۇرغان .