ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

‹‹ۋالسترېت كوچىسىنى ئىگىلەش›› ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار يەنە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نيۇيورك، 8 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق مۇھاپىزىتى ئاستىدا، ‹‹ۋال سترېت كوچىسىنى ئىگىلەش›› ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار 8 – ئۆكتەبىر يەنە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزدى، نەچچە مىڭ كىشى نيۇيوركنىڭ مانخاتتاندىكى ۋاشىنگتون مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا قاتناشتى.

    نەچچە مىڭ نامايىشچى 8 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، ئۆزلىرى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان زۇكوت باغچىسىدىن يولغا چىقىپ، ‹‹دۇنياغا خەلق ھۆكۈمرانلىق قىلىشى كېرەك››، ‹‹بىز %99››، ‹‹چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاچ كۆزلۈكىگە، چىرىكلىككە قارشى تۇرايلى›› دېگەن سۆزلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھىمايىسىدە شىمالىي برودۋاي كوچىسىنى بويلاپ پىيادە بەش كىلومېتىردەك يول مېڭىپ، ۋاشىنگتون مەيدانى باغچىسىغا كېلىپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن بىرقانچە مىڭ نامايىشچى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ساقچىلار ۋاشىنگتون مەيدانىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلدى.

    ‹‹ۋال سترېت كوچىسىنى ئىگىلەش›› ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى 17 – سېنتەبىر پارتلىغاندىن بۇيان، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ كېڭىيىپ، ‹‹چىكاگونى ئىگىلەش››، ‹‹لوس – ئانژېلېسنى ئىگىلەش›› دېگەندەك نامايىشلار ئارقا – ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلدى ھەم سان فىرانسىسكو، ۋاشىنگتون، بوستون، دېنېۋېر قاتارلىق ئامېرىكىدىكى 50 نەچچە چوڭ شەھەرگە كېڭەيدى. نامايىشچىلار: مۇشۇ ئايدا ئامېرىكىدىكى 150 شەھەرنى ئىگىلەيمىز ھەم سىرتتا قىشنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇزاققا سوزۇلغان كۈرەش قىلىمىز، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!