ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پولشا پارلامېنت سايلىمىدا پۇقرالار پىروگراممىسى پارتىيەسى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پولشادىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار تۈنۈگۈن ئاۋاز بېرىش پونكىتىدە ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پولشا پارلامېنت سايلىمىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە پۇقرالار پىروگراممىسى پارتىيەسى باشقا پارتىيەلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ، پارلامېنتتىكى 1-چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان.

پولشا دۆلەتلىك سايلام كومىتېتى ئەتە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى جاكارلايدۇ.

پۇقرالار پىروگراممىسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى تۇسكى شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تۇسكى بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا سايلىغۇچىلارنىڭ تاللىشىنىڭ توغرىلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تۆت يىللىق خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كەلگۈسى تۆت يىلدا مەزكۇر پارتىيەنىڭ كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، سايلىغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ تالىشىشنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!