جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى 9 _ ئۆكتەبر خەۋىرى: تەخمىنەن 50 مىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى 8 _ ئۆكتەبر سۇرىيە شىمالىدىكى قامىشلى (Qamishly) كوچىسىدا يىغىلىپ، ئۆكتىچىلەر يول باشچىسى ماشال تامنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان. تەزىيە مۇراسىمى ئاخىرىدا چوڭ كۆلەمدىكى نامايىشقا ئۆزگەرگەن. نامايىشچىلار يولباشچىسىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ كۆلەمدىكى نامايىش سۇرىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ دادىسى، يەنى سۇرىيە سابىق پرېزىدېنتى خافىز ئاسادنىڭ ھەيكىلىنى يىقىتىۋەتكەن، ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا "تەخىتتىن چۈشسۇن! تەخىتتىن چۈشسۇن!"شۇئارىنى توۋلاپ، سۇرىيە پرېزىدېنتى ئاسادنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. سۇرىيە خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئارقىدىنلا يىغىلغان ئادەملەر توپىغا ئوق ئېتىپ، 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىدە، ماشال تام سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى "كورد كەلگۈسى پارتىيىسى"نىڭ قۇرغۇچىسى، 7 _ ئۆكتەبر تاكسىغا ئولتۇرغان چاغدا، نامەلۇم بىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئاساد ھۆكۈمىتىنى ماشال تامنى ئۆلتۈرگەن پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما ئاساد ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى قەستلەشنى تېرورچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن. ب د ت نىڭ يېقىندىكى ئىستاتىستىكىسىدا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3 _ ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاغدۇرۇش پائالىيىتىدىن بۇيان، 2900 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەلقئارا كىرېزىس تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق مۇتەخەسسىسى پىتېر خالىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما نەتىجىدە زوراۋانلىق توقۇنۇش يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئەندىشىسى كۈچەيگەن، بۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. ئەنگلىيە ۋە ئاۋستىرالىيە يېقىندا يوللىغان خەۋەرلىرىدە، ماشال تامنىڭ قەستلەنگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەچچە ئون سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغۇچىلار 8 _ ئۆكتەبر لوندون ۋە ۋېينادا تۇرۇشلۇق سۇرىيە ئەلچىخانىسىغا زەربە بەرگەن. بېيجىڭ ئونىۋېرستتىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ليەن، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ماشال تامنىڭ قەستلىنىشى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساد ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكتىن، تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق كۆرسىتىلىدۇ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە زوراۋانلىق باھانىلىرى بىلەن سۇرىيە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ، دېگەن. (mehray)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!