جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى جيا چىڭلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 9 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىل بۇرۇن، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابچىلار دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاپ، جۇڭگودا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى باشلىغان. بۈگۈن بىز شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق شىنخەي ئىنقىلابى باشلامچىلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى سەمىمىي ياد ئېتىۋاتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدىغان ئالىيجاناپ روھىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك.
جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جيا چىڭلىن خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
قىزغىن ئالقىش ساداسىدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنخەي ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنىڭ مەركەزلىك ئەكس ئېتىشى، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى باسىدىغان قەيسىرانە كۈرىشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ باشلامچىسى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەسىرىدە، زور بىر تۈركۈم ئىنقىلابچىلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلار جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇپ، ئىنقىلاب ئومۇمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شىنخەي ئىنقىلابى تولۇق مەنىدىكى يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىغا يول ھازىرلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى تەرەققىيات يولىغا باشلىدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش يولىدا ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ خەلقنى دېموكراتىك ھوقۇق ۋە بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرىدىغان زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش غايىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپالىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىز ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، خەلققە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا داۋاملىق پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بارلىق ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتى، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىنچ، ئورتاق گۈللەنگەن، ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭ