شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇداپېشت، 8 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ۋېنگىرىيە، سىلوۋاكىيە، چېخ ۋە پولشا زۇڭتۇڭلىرى 8 – ئۆكتەبىر بۇداپېشتنىڭ شىمالىدىكى ۋىسېگرادتا: يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قوللايمىز، دېدى.
ۋىسېگراد گۇرۇھى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ۋېنگىرىيە، سىلوۋاكىيە، چېخ ۋە پولشا زۇڭتۇڭلىرى 8 – ئۆكتەبىر ۋىسېگرادتا سۆھبەتلىشىپ، يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىردەك قوللىدى.
1991 – يىل 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ۋېنگىرىيە، پولشا ۋە چېخىسلوۋاكىيە رەھبەرلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ۋىسېگرادتا يىغىن ئۆتكۈزگەن ھەم رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن. يىغىنغا قاتناشقان ئۈچ دۆلەت ۋىسېگراد گۇرۇھى، دەپ ئاتالغان. 1993 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چېخ بىلەن سىلوۋاكىيە بۆلۈنۈپ مۇستەقىل دۆلەت بولغان، بۇنىڭ بىلەن ۋىسېگراد گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەت تۆتكە يەتكەن.