جۇڭگو ئاخبارات تورى 8 _ ئۆكتەبر خەۋىرى: بۇ يىل 8 _ ئايدا سىتېۋ جوبىس ئالما شىركىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋاقىتتا، 7000 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى شياڭگاڭدىكى تەكشىلىك لايىھىلەش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ ئىشقا «ھەيران قالغان» بولۇپ، جوبىسنى خاتىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قاراپ يېڭىدىن ئالما «ماركا» سىنى لايىھىلەپ چىققان.
شياڭگاڭ تېخنىك ئونۋېرستتىتى لايىھىلەش ئىنىستۇتى ئوقۇغۇچىسى، 19 ياشلىق مەي لاڭ (麦朗) ئالمىنىڭ چىشلەنگەن كەم يېرىنى جوبىسنىڭ باش سۈرىتىگە ئۆزگەرتكەن، ھەمدە بۇ يېڭى لايىھىلەنگەن ئالمىنىڭ "ماركا"سىنى ئۆزىنىڭ مۇنبىرىگە يوللىغان. دەسلەپتە پەقەت 80 دەك پىكىر يېزىلغان. 5 _ ئۆكتەبر جوبىسنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، مەي لاڭ يەنە بىر قېتىم بۇ سۈرەتنى يوللاپ جوبىسقا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۈزۈل _ كېسىل ئاۋاتلاشقان، رەسىم يوللانغان شۇ پەيتتىلا 10 مىڭ ئادەم ئىنكاس قايتۇرغان، بىر كۈن ئىچىدىكى چېكىلىش قېتىم سانى 180 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
تورداشلار باھالىرىدا «نادىر يېڭىلىق يارىتىلىپ، سىتېۋ جوبىسنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپتۇ»، بەزىلەر بۇ ئەسەرنى «ئالمىنىڭ يېڭى تاۋار ماركىسى» بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر «ئۇنىڭ قەبرىسىگە قويۇش» نى ئويلىغان.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مەي لاڭ: «مەن ئۇنى ئەسلەيمەن، ئۇ ئالمىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. مېنىڭچە ئۇ ئالما ماركىسىنىڭ ئىچىدە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق» دېگەن.
«جوبىسنىڭ ئايرىلىشى بىلەن ئالما ھەقىقەتەن بىر قىسمىنى يوقاتتى»
بۇ تالانتلىق لايىھىلىگۈچى نۇرغۇن خىزمەت تەكلىپلىرىنى تاپشۇرىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچقايسىسىغا جاۋاب قايتۇرماي، پەقەت «مەن يەنىلا ئوقۇغۇچى» دېگەن.
بىراق مەي لاڭنى ئالما مەستانىسى دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ تا ھازىرغىچە iPhone سېتىۋالمىغان، ئالمىنىڭ قول كومپيۇتىرىنىمۇ بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا سېتىۋالغان.
ئۇنىڭدىن ئالما شىركىتىنىڭ ئىنكاسىنى سورىغىنىدا، ئۇ ئالمىنىڭ CEO سى تىم كوكقا ئېلىكتىرونلۇق يوللانما يوللىغان بولسىمۇ، تېخى جاۋاب تاپشۇرىۋالمىغانلىقىنى ئېيتقان. (mehray)