ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياۋروپا بايانات ئېلان قىلىپ سۇرىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ ق
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ھەم سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلا ۋاقىتتا ئىران ۋە بېلوروسىيەنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى باستۇرغانلىق قىلمىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر لۇكسېمبۇرگدا ئاچقان يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىردەك ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بەشىر ئاسادنىڭ دەرھال تەختتىن چۈشۈشى ھەمدە ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىنىستېرلار يەنە ب د ت خەۋىپسزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيەنى جازالاشنى كۈچەيتمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەسئولى ئاشتوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيەنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن. ئاشتون يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننى جازالاشنى كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بىر قاتار قىلمىشلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىنى خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى دەۋەت قىلغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!