شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 9 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسى فۇكۇشىما يادرو ھادىسىسىدىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرى سۈپىتىدە، 9 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيەدىكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بويىچە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى دۆلەتلىك تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى يادرو ھادىسىسى يۈز بەرگەندە 18 ياشتىن كىچىك بولغان 360 مىڭ ئەتراپىدىكى بالا ئىكەن، پۈتكۈل تەكشۈرۈش ئىككى يېرىم يىلدا تاماملىنىدىكەن. فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى رادىياتسىيە مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىرقانچە رايوندىكى 5000 بالا 11 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈلىدىكەن، تەكشۈرۈش 2014 – يىلى 3 – ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈلگۈچىلەر ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم، 20 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بويىچە بەدەن تەكشۈرتىدىكەن.
1986 – يىلى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ بالا قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغان، شۇڭا فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر بالىلىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن فۇكۇشىما ناھىيەسى كۆلىمى زور بولغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.