ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جۇڭگولۇق 12 نەپەر كېمىچى تايلاندتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     

‹‹خۇاپىن›› ناملىق كېمىنىڭ باشلىقى دەپ قارالغان جەسەت سۈزۈۋېلىنماقتا

    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى كۈنمىڭ 9-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ 9-ئۆكتەبىر كەچ دەلىللىشىچە ، 5-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ‹‹خۇاپىن›› ۋە ‹‹يۈشىن 8-نومۇر›› ناملىق ئىككى سودا كېمىسىدىكى 13 نەپەر كېمىچى مىكون دەرياسىنىڭ ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتىكى سۇ تەۋەلىكىدە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 12 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن . 

    تايلاند ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ھەربىي تەرەپ 5-ئۆكتەبىر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ چېگرىغا كىرگەنلىك يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغان ، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، ‹‹خۇاپىن›› ۋە ‹‹يۈشىن 8-نومۇر›› ناملىق ئىككى كېمىنى بايقىغان ۋە كېمە ئۈستىدە بەش نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، قالغانلىرى قېچىپ كەتكەن ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قوراللىق ئۇنسۇر جۇڭگولۇق ئەمەس ئىكەن . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، تايلاند ساقچى تەرەپ مىكون دەرياسىدىن 11 نەپەر جۇڭگولۇق كېمىچىنىڭ جەسىتىنى تاپقان ، دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا، پاراخوت ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى خادىملار زەھەر ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن .

ماتېرىيال سۈرەتلەر

    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە چياڭمايدىكى باش كۇنسۇلى تايلاند تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋە چياڭمايدا تۇرۇشلۇق كۇنسۇل نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن . دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹خۇاپىن›› ناملىق كېمىدىكى ئالتە نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ؛ ‹‹يۈشىن 8-نومۇر›› ناملىق كېمىدىكى ئالتە نەپەر كېمىچى قازا قىلغان ، بىر نەپەر كېمىچى يوقاپ كەتكەن .

    يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى لى جىخېڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ ، بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى .

    نۆۋەتتە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تايلانتتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ، جىنايەتچىلەرنى قولغا ئېلىش ، مىكون دەرياسىنىڭ سۇ تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېزراق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    لاتساڭ دەرياسى(جۇڭگودا لاڭساڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ) -مىكون دەرياسى جۇڭگو ، بىرما ، لائوس ، تايلاند، كامبودژا ۋە ۋېيتنام قاتارلىق ئالتە دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدىغان خەلقئارالىق دەريا بولۇپ،  2001-يىلى جۇڭگو، بىرما، تايلاند، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەر سۇ تىرانسپورت قاتنىشى كېلىشىمى ئىمزالىغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ جايدا جۇڭگولۇق كېمىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!