ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە تاراتقۇلىرى: پۇتىننىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتى ئى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى پۇتىن 11-، 12- ئۆكتەبىر جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇتىننىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى كۆرسەتتى. رۇسىيە يەر شارى خەۋەرلەر تورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۇتىن كىلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ مۇھىم مەقسىتى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!