شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 8 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرقانچە مىڭ ئامما 8 – ئۆكتەبىر ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ترافاگا مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
نامايىشچىلار ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا قازا قىلغان بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم ئاسمانغا شار قويۇپ بېرىپ، ئۇلارغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلار يەنە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۇرۇشقا قارشى ئۇچۇر تارقاتتى.